TSK

TSK · لۇقا 21:17

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مۇبارەك، مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە ھەرتۈرلۈك تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار؛

ئاندىن كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن پۈتكۈل ئەللەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.

كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك!

سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق سىلەر بۇ دۇنيادىن بولمىغاچقا، بەلكى مەن سىلەرنى بۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.   

مەن ئۇلارغا سۆز-كالامىڭنى تاپشۇردۇم. مەن بۇ دۇنيادىن بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنيادىن بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.   

چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى مەسىھ ئەيسانى رەب، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنى ئەيسا ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار دەپ ئېلان قىلىمىز.

شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن.

سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ.