TSK

TSK · لۇقا 21:35

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن؛ ئۆزۈم ياسىغان ھەممە جانىۋارلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن».

بەرھەق، ئىنسانمۇ ئۆز ۋاقتى-سائىتىنى بىلمەيدۇ؛ بېلىقلار رەھىمسىز تورغا ئېلىنغاندەك، قۇشلار تاپان-تۇزاققا ئىلىنغاندەك، بۇلارغا ئوخشاش ئىنسان بالىلىرى يامان بىر كۈندە تۇزاققا ئىلىنىدۇ، تۇزاق بېشىغا چۈشىدۇ.

ۋەھشەت، ئورا ۋە قىلتاق بېشىڭلارغا چۈشۈشنى كۈتمەكتە، ئى موئابدا تۇرۇۋاتقانلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

ئۇ بىرلا ئادەمدىن ئىنسانىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا خاس بولغان پەيت-پەسىللەر ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنىڭ پاسىللىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى.