TSK

TSK · لۇقا 21:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «پاك قىزلار ئۈچۈن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ خۇدا پاناھگاھىمىز ۋە قۇدرىتىمىزدۇر؛ كۈلپەتلەر چۈشكەن ھامان ھازىر بولىدىغان بىر ياردەمچىدۇر.

بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!  

سىلەرگە تەسەللى بەرگۈچى ئۆزۈم، ئۆزۈمدۇرمەن؛ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنساندىن، تېنى ئوت-چۆپلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىنسان بالىسىدىن قورقۇپ كەتكىنىڭ نېمىسى؟  

سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار ئاخىرەت ئەمەس.

ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار.  

لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر.