TSK

TSK · مالاكى 3:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىم ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان ئەشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ قايسىبىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامتى؟

قېنى، ئايۇپقا ئوخشايدىغان كىم بار؟! ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر.

ئۇ كۆڭلىدە: «تەڭرى بۇنى ئۇنتۇپ قالدى، ئۇ يۈزىنى يېپىۋېلىپ، قارىمايدۇ؛ بۇنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ.  

يەنى: «[خۇدا] ئالدىرىسۇن! ئىشلىرىنى ئۆزى ئىتتىكرەك ئادا قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى كۆرەلەيمىز! «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نىڭ نىيەت قىلغىنى يېقىنلىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغاي، بىز ئۇنى بىلىۋالايلى!» ــ دېگەنلەرگە ۋاي!

سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟ سەن كىمگە قارشى ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، نەزىرىڭنى ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى!

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭلاردا سىلەر ماڭا قارشى چىقىپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ كۆرسىتىپ، ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغان سۆزۈڭلەرنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ مەن ئۇلارنى ئاڭلىدىم.

بىراق سىلەر: «نېمىشقا؟» دەپ سورايسىلەر. ــ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن ۋە ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھچى بولغانىدى؛ سەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ، گەرچە ئۇ سېنىڭ ھەمراھىڭ ۋە سەن ئەھدە تۈزگەن ئايالىڭ بولسىمۇ.

ئادەم خۇدانىڭكىنى بۇلىسا بولامدۇ؟ ــ بىراق ماڭا مېنىڭكىنى بۇلاپ كەلدىڭلار. سىلەر يەنە: «بىز قانداقسىگە ساڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىمىز» ــ دەيسىلەر. سىلەر «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ھەم «كۆتۈرمە ھەدىيەلەر»نى سۇنغىنىڭلاردا شۇنداق قىلىسىلەر!

شۇ ئادەم خۇدا دەپ ئاتالغانغا ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەرگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ شۇنداق قىلىپ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنى خۇدا دەپ كۆرسىتىپ جاكارلايدۇ.