TSK

TSK · ماركۇس 1:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. مۇسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاغدا تۇردى.

ۋە شۇنداق بولدىكى، قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى تاش تاختاي، يەنى ئەھدە تاختايلىرىنى بەردى.

شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىپ يەنە قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم؛ دەرۋەقە دۈم ياتتىم؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە قاراپ «ئۇلارنى يوقىتىمەن» دېگەنىدى.

ئاندىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يوقال، شەيتان! چۈنكى [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا ئىبادەت-خىزمىتىدە بول!» دەپ پۈتۈلگەن، ــ دېدى.  

ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇكى، ئىخلاسمەنلىكنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ــ «ئۆزى ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، پەرىشتىلەرگە ئۇ كۆرۈندى، ئۇنىڭ خەۋىرى پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلاندى، جاھاندا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈلدى، ئۇ شان-شەرەپ ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى».  

چۈنكى بىزگە تەيىنلەنگەن باش كاھىنىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلمىغۇچى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئوخشاش ھەرخىل ئازدۇرۇش-سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغۇچىدۇر.