TSK

TSK · ماركۇس 10:43

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شۇنداق بولمىسۇن؛ بەلكى سىلەردىن كىم ئۈستۈن بولۇشنى خالىسا، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولسۇن؛

ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى.

چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تۆۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ.

سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن.

بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي-پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر.  

چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار.