TSK

TSK · ماركۇس 10:48

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ياقۇپ بولسا بۇ قاتتا يالغۇز قالدى؛ بىر زات كېلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى.

سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە مېنى تاپىسىلەر، چۈنكى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ماڭا ئىنتىلىدىغان بولىسىلەر.

قولۇڭنى تەگكۈزۈپ دۇئا قىلغايسەن دەپ، بەزىلەر كىچىك بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق مۇخلىسلار ئېلىپ كەلگەنلەرنى ئەيىبلىدى.

ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن بەزىلەر بەزىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا: قىزىڭىز ئۆلدى. ئەمدى ئۇستازنى نېمىشقا يەنە ئاۋارە قىلىسىز؟! ــ دېيىشتى.

ئۇ سۆزىنى [داۋام قىلىپ] ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ بىر دوستى بولۇپ، يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ئەي دوستۇم، ماڭا ئۈچ نان ئۆتنە بەرگىن؛

ۋە ئەيسانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلار ئۇنى: ــ شۈك ئولتۇر! دەپ ئەيىبلەشتى. بىراق ئۇ: ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى.

[مەسىھ] يەر يۈزىدىكى كۈنلەردە، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا قادىر بولغۇچىغا قاتتىق نىدالار ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەتلەر ۋە يىلىنىشلارنى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى ئىجابەت قىلىندى.