TSK

TSK · ماركۇس 16:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

[جەبرائىل] يېنىمغا كەلدى. كەلگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم. ئۇ ماڭا: ــ ئەي ئىنسان ئوغلى، سەن شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇ غايىبانە ئالامەت ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر، ــ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، قورقما؛ چۈنكى سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا چۈشىنىشكە ئېرىشىشكە، ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇشقا كۆڭۈل قويغان بىرىنچى كۈندىن بۇيان سېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىڭ ئىجابەت قىلىندى؛ ئېيتقانلىرىڭ ئۈچۈن مەن يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم.

لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ چۇقان سېلىشتى.

ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى.

ۋە قەبرىگە كىرىپ قارىۋىدى، رەب ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى.

ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى،