TSK

TSK · ماركۇس 4:39

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، ئۆتۈپ كەتتى؛ سۇلار بولسا ئۇلارنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا كۆتۈرۈلۈپ تامدەك تۇراتتى.   

يەنى ئۇنىڭغا: «مۇشۇ يەرگىچە بارىسەن، پاسىلدىن ئۆتمە، سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» دېگەندە، سەن نەدە ئىدىڭ؟

دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىگەن شاۋقۇنلىرىنى، دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەمدە ئەللەرنىڭ چۇقانلىرىنى تىنجىتقۇچىسەن!

كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار، كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى! كەلكۈن-تاشقىنلار ئۇرغۇچى دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى!

ئۇ بوراننى تىنچىتىدۇ، سۇ دولقۇنلىرىمۇ جىم بولىدۇ.

ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! ــ دېدى.