TSK

TSK · ماركۇس 4:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار!   

تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى [قەلبىدىكى] سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ.

باشقا بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر مايسىلار بىلەن تەڭ ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ.

ئۇ كۆپچىلىككە قاراپ: ــ پەخەس بولۇپ ئۆزۈڭلارنى ھەرخىل تاماخورلۇقتىن ساقلاڭلار. چۈنكى ئىنساننىڭ ھاياتى ئۇنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەستۇر، دېدى.

لېكىن باي بولۇشنى ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراپ، تۇزاققا ۋە شۇنداقلا ئىنسانلارنى ۋەيرانچىلىققا ۋە ھالاكەتكە چۆكتۈرىدىغان نۇرغۇن ئەخمىقانە ھەم زىيانلىق ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ ئىلكىگە تېيىلىپ كېتىدۇ.