ئۇ: ــ «مەن چىقىپ ئۇنىڭ ھەممە پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزىدا يالغانچى بىر روھ بولىمەن»، دېدى. پەرۋەردىگار: ــ «ئۇنى ئالداپ ئىلكىڭگە ئالالايسەن؛ بېرىپ شۇنداق قىل» ــ دېدى.
TSK
TSK · ماركۇس 5:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئايۇپ 2:6
TSK
پەرۋەردىگار شەيتانغا: ــ مانا، ئۇ ھازىر سېنىڭ قولۇڭدا تۇرۇۋاتىدۇ! بىراق ئۇنىڭ جېنىغا تەگمە! ــ دېدى.
يۇھاننا 8:44
TSK
سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر.
ۋەھىي 9:11
TSK
ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان پادىشاھى، يەنى تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون ئىدى.
ۋەھىي 20:7
TSK
مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ،