TSK

TSK · ماركۇس 6:10

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ھەرقايسى شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن شۇ يەردە كىمنىڭ ھۆرمەتكە لايىق مۆتىۋەر ئىكەنلىكىنى سوراڭلار؛ شۇنداق كىشىنى تاپقاندا، ئۇ يەردىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئۆيىدىلا تۇرۇڭلار.   

ئاندىن چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇپ يۆتكەلمەڭلەر، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەپ-ئىچىڭلار، چۈنكى ئىشلەمچى ئۆز ئىش ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار.  

بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق [كېڭەشمىسىگە] تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى.