TSK

TSK · ماركۇس 6:20

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

(پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى).

يەھوشافات: پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭدا بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھوشافات ۋە ئېدومنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ باردى.

ئېلىشا ئۆز ئەجىلىنى يەتكۈزىدىغان كېسەل بىلەن ياتتى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئېڭىشىپ يىغلاپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلىق ئەسكەرلىرى!» دەپ پەرياد كۆتۈردى.  

يەھويادا قېرىپ، ياشايدىغان يېشى توشۇپ ئۆلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بىر يۈز ئوتتۇز ياشتا ئىدى.

شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنچ قىلدى؛ ئۇلار ئۇنى كۈيلىدى.

مانا، سەن ئۇلار ئۈچۈن پەقەت يېقىملىق ئاۋاز بىلەن،سازلىرى ئوبدان تەڭشىلىپ ئېيتىلغان مۇھەببەت ناخشىسىسەن، خالاس؛ ئۇلار سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلارغا ئەمەل قىلمايدۇ.

شۇڭا ئى ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھىتىم سىلىگە لايىق كۆرۈلگەي، گۇناھلىرىدىن قول ئۈزگەيلا، ئىشتا ھەققانىي بولغايلا، قەبىھلىكلىرىدىن توختاپ كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىك قىلغايلا. شۇنداق قىلغاندىلا بەلكىم داۋاملىق گۈللەپ ياشنىمامدىلا؟

ھېرود [شۇ سەۋەبتىن] يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خالايىقتىن قورققانىدى، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ بىلەتتى.

بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

[يەھيا] بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار.