TSK

TSK · ماركۇس 6:31

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزى يالغۇز پىنھان بىر جايغا كېتەي دەپ بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. خالايىق بۇنىڭ خەۋىرىنى تاپقاندا، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى.

ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ دېڭىز بويىغا كەتتى؛ گالىلىيە ئۆلكىسىدىن چوڭ بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلىغان ھامان، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېم شەھىرىدىن، ئىدۇمىيا ئۆلكىسىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن زور بىر توپ ئادەملەرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى.  

بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە دېڭىزى (تىبېرىياس دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى.