TSK

TSK · ماركۇس 6:37

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مەن بۇ خەلققە نەدىن گۆش تېپىپ بېرەلەيمەن؟ چۈنكى ئۇلار ماڭا يىغلاپ: «سەن بىزگە يېگۈدەك گۆش تېپىپ بەر!» دېيىشمەكتە.

ئەمدى بائال-شالىشاھدىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە ئارپا ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسىدىن ئاش-نان، يەنى يىگىرمە ئارپا ناننى ۋە بىر خالتا كۆك باشنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئۇ: خەلققە يېگىلى ئالدىغا قويغىن، دېدى.

لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇلارنىڭ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭلار ئۇلارغا ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى.

ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىلى ئۈچ كۈن بولدى، ئۇلاردا يېگۈدەك ھېچنەرسىمۇ قالمىدى.

ئۇ چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتى، يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى.