TSK
TSK · ماركۇس 7:28
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ــ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ياقۇپ قەبىلىلىرىنى [گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ] تۇرغۇزۇشقا، ھەمدە ئىسرائىلدىكى «ساقلانغان سادىقلار»نى بەختكە قايتۇرۇشقا قۇلۇم بولۇشۇڭ سەن ئۈچۈن زەررىچىلىك بىر ئىشتۇر؛ مەن تېخى سېنى ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتىم بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم».
ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى: ــ «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن.
شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟
چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ.
شۇنداقلا شۇ چاغدا مەسىھسىز بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ پۇقرالىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ، بۇ دۇنيادا ئۈمىدسىز ھەم خۇداسىز ياشىغىنىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛