TSK

TSK · ماركۇس 7:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ۋە رەب مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزى بىلەن ماڭا يېقىنلاشقاندا، تىلى بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەندە، بىراق قەلبى بولسا مەندىن يىراق تۇرغاچقا، مەندىن بولغان قورقۇشى بولسا، پەقەت ئىنسان بالىسىنىڭ پەتىۋالىرىدىنلا بولىدۇ، خالاس؛  

ئۇلار ماڭا: «ئى خۇدايىم، بىز ئىسرائىل خەلقى سېنى تونۇيمىز!» دەپ ۋارقىرايدۇ.

بىراق ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر، ساختىپەزلەر! سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلارغا تاقاپ كېلىۋاتىسىلەر! يا ئۆزۈڭلار كىرمەيسىلەر، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمايسىلەر.

لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەنكى، ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق.

ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، ئۇنداقتا ئۇلۇغلۇقۇم ھېچنەرسە ھېسابلانمايتتى. بىراق مېنى ئۇلۇغلىغۇچى ــ سىلەر «ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر.

ئۇلار پاۋلۇسنىڭ مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇنۇ سۆزنى دەل جايىدا ئېيتقان:

ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەللىرىدە ئۇنىڭدىن تانىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكلەر، ھېچگەپ ئاڭلىمايدىغانلار، ھېچقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايدىغانلاردۇر.