TSK

TSK · ماركۇس 9:22

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ۋە مانا، ماخاۋ كېسىلى بار بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە ئۇرۇپ تىزلىنىپ: ــ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دېدى.  

ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شۇ ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەيسا ئۇلاردىن: ــ سىلەر مېنىڭ بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

مانا، ئۇ چەت يەرلەردىن كەلگەن قانانىي بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئى رەب! داۋۇتنىڭ ئوغلى، ھالىمغا رەھىم قىلغايسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىكەن، قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ! ــ دەپ ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ زارلىدى.

ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ــ ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دەپ ئۆتۈندى.  

رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ: ــ يىغلىمىغىن، ــ دېدى.