ھارۇن ئەۋلادلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىككە بۆلۈنۈشى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار.
TSK
TSK · ماتتا 16:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر.
ئۇلار گالىلىيە ئۆلكىسىدە ئايلىنىپ يۈرگىنىدە، ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛
ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.
ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى.
ــ جانابلىرى، ھېلىقى ئالدامچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە بار.
چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى.
ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى.
ــ بۇ سۆزلەرنى قۇلاقلىرىڭلارغا ئوبدان سىڭدۈرۈپ قويۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى پات ئارىدا [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى.
ئاندىن ئۇ ئون ئىككەيلەننى ئۆز يېنىغا ئېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، بىز ھازىر يېرۇسالېمغا چىقىۋاتىمىز ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرىسىدا پۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى [شۇ يەردە] ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان-شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، ــ دېدى.
چۈنكى مەن ئۆزۈمگە ئامانەت قىلىنغانلىرىنى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە سىلەرگىمۇ تاپشۇردۇم؛ يەنى، تەۋرات-زەبۇردا ئالدىن ئېيتىلغىنىدەك، مەسىھ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلدى؛