TSK

TSK · ماتتا 21:12

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىشى كېرەك بولغىنى شۇكى، ھەربىرى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل بەرسۇن (بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر كېلىدۇ). بۇ يېرىم شەكەل پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ.   

ئەگەر ئۇ قويلاردىن [قۇربانلىق] قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۇ قىلغان ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ كېلىپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنسۇن.

مەيلى ئوغۇل ياكى قىز تۇغسۇن، قان پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشقا كىرگەن قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر باچكا ياكى پاختەكنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن.

ۋە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا ئېلىپ كەلسۇن؛ بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن؛

سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن.

ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگەندە، ئۇ ئۆز نامىنى قالدۇرۇشقا تاللىغان شۇ جاي سەندىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، مەھسۇلاتلىرىڭنى شۇ يەرگە ئاپىرالمىغۇدەك بولساڭ،

ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى؛ ۋە ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، ئون ئىككەيلەن بىلەن بىللە يەنە بەيت-ئانىياغا چىقتى.  

ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك ئىدى.  

ئۇ ئىبادەتخانا [ھويلىلىرىدا] كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرغان پۇل تېگىشكۈچىلەرنى كۆردى.