ۋاپادارلىقتا چىڭ تۇرغان ھەققانىي ئەلنىڭ كىرىشى ئۈچۈن، دەرۋازىلارنى ئېچىپ بېرىڭلار!
TSK
TSK · ماتتا 21:43
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىن كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقىدا ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس! ــ دېدى.
ئەگەر مەن پەيغەمبەرلىك قىلالىسام، بارلىق سىرلار، بارلىق بىلىملەرنى چۈشىنىپ بولغان بولساممۇ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاغلارنى يۆتكىيەلىگۈدەك تولۇق ئىشەنچتە بولساممۇ، ئەمما مەندە مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا مەن ھېچنەرسە بولمىغان بولىمەن.