TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 9:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ.  

ئابىب ئېيىنى ئالاھىدە ئېسىڭدە تۇت ۋە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتاپ تەبرىكلىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئابىب ئېيىدا مىسىردىن كېچىدە چىقارغان.   

يوسىيا پەرۋەردىگارنى سېغىنىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزمەكچى بولدى؛ بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتالغان قوزىلارنى سويدى.

پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق [قوزىسى] سويۇلىدىغان كۈنى، مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ [تامىقىنى] يېيىشىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى.  

كونا خېمىرتۇرۇچنى چىقىرىۋېتىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەسلى خېمىرتۇرۇچسىز خېمىردەك يېڭى بىر زۇۋۇلا بولىسىلەر؛ چۈنكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»[دىكى قوزىمىز] بولغان مەسىھ قۇربانلىق قىلىندى؛