قانۇن شەرھى 4:5
TSK
مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ئەمر قىلغاندەك، كىرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغاندا ئۇلارغا ئەمەل قىلسۇن دەپ سىلەرگە بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتىم.
TSK
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىم ماڭا ئەمر قىلغاندەك، كىرىپ ئىگىلەيدىغان زېمىندا تۇرغاندا ئۇلارغا ئەمەل قىلسۇن دەپ سىلەرگە بەلگىلىمە ھەم ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتىم.
ئۇ چاغدا ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى، شۇنداقلا ھەرقانداق گۈزەل يولنى چۈشىنىدىغان بولىسەن.
دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ، ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۇنتۇما، ئۇلاردىن چىقما.
گۆدەك بولغانلار، زېرەكلىكنى ئۆگىنىۋېلىڭلار، ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار!
دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!
نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن.