مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 1:23
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن، تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن،
نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.
قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.
ــ «ئى ئاسمانلار، يۇقىرىدىن ياغدۇرۇپ بېرىڭلار، بۇلۇتلارمۇ ھەققانىيلىق تۆكۈپ بەرسۇن؛ يەر-زېمىن ئېچىلسۇن؛ نىجات ھەم ھەققانىيلىق مېۋە بەرسۇن؛ زېمىن ئىككىسىنى تەڭ ئۆستۈرسۇن! مەن، پەرۋەردىگار، بۇنى ياراتماي قويمايمەن».
ــ ئىزدەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئۆزىنى تاپقۇزماقچى بولغان پەيتتە؛ ئۇ يېقىن تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىدا قىلىڭلار!
ھەم رەزىل ئادەم ئۆتكۈزگەن رەزىللىكىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، ئادىللىق ھەم ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز جېنىنى ھايات ساقلايدۇ.
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن.
ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛
ۋە مەن داۋۇت جەمەتى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە شاپائەت يەتكۈزگۈچى ۋە شاپائەت تىلىگۈچى روھنى قۇيىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى سانجىپ ئۆلتۈرگەن ماڭا يەنە قارايدۇ؛ بىرسىنىڭ تۇنجى ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرگەندەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ يەككە-يېگانە ئوغلىدىن جۇدا بولغۇچىنىڭ دەرد-ئەلەم تارتقىنىدەك ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن دەرد-ئەلەم تارتىدۇ.
«مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ
سەن يا سوغۇق يا قىزىق ئەمەس، بەلكى ئىلمان بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن ھۆ قىلىمەن.