TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 10:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن.  

ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ، ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛ چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛ سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر.

مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛ مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.

يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار؛ بىراق ھەققانىيلار شىر يۈرەك باتۇر كېلەر.

ــ «ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغان، دۇرۇس-لىللا گەپ قىلىدىغان، زالىملىقتىن كەلگەن ھارام پايدىغا نەپرەتلىنىدىغان، پارىلارنى سۇنغۇچىلارنى قولىنى پۇلاڭشىتىپ رەت قىلىدىغان، قاننىڭ گېپى بولسىلا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان، پەسلىك-رەزىللىككە قاراشنى رەت قىلىپ، كۆزىنى قاچۇرىدىغان؛  

شۇ چاغلاردا، مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك قىستا-قىستاڭ بولۇشۇپ كەتكەندە، ئۇ ئاۋۋال مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.   

ھەتتا باشقا يەھۇدىي [قېرىنداشلار] ئۇنىڭ بۇ ساختىلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ھەتتا بارناباسمۇ ئازدۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى.