ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئەنە شۇنداق يوقۇتۇلغاي! لېكىن سېنى سۆيگەنلەر قۇياشنىڭ ئۆرلەۋاتقاندىكى قۇدرىتىدەك كۈچلۈك بولغاي!». شۇنىڭ بىلەن زېمىن قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئامانلىق تاپتى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 11:10
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ قارىسا، مانا پادىشاھ ئۆينىڭ دەرۋازىسىدا، تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى، بارلىق يۇرتنىڭ خەلقى شادلىنىپ كاناي چېلىشاتتى، نەغمىچىلەر ھەرخىل سازلارنى چېلىپ، جامائەتنى باشلاپ مەدھىيە ئوقۇتۇۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى.
موردىكاي كۆك ۋە ئاق رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، بېشىغا كاتتا ئالتۇن تاجنى تاقاپ، سۆسۈن رەڭ كەندىر يېپىنچىنى يېپىنىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى؛ شۇشان شەھەردىكى خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ تەنتەنە قىلىشتى.
ھەققانىي ئادەم [خۇدانىڭ] ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛ ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ.
يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار؛ لېكىن ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار راۋاج تاپار.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەرشتە زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ــ ــ ھەمدۇسانا!نىجات، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر!