تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 12:11
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛ ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن.
ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن.
ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ [بەتتەر بولۇپ]، تولىمۇ غەپلەتلىكتۇر؛ ئۇنداق قىلغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.
نادانلار قاتارىدىن چىقىپ، ھاياتقا ئېرىشىڭلار، يورۇقلۇق يولىدا مېڭىڭلار»، ــ دەۋاتىدۇ.
«كىمكى ساددا بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن!» ــ دەۋاتىدۇ، ۋە ئەقىلسىزلەرنى:
يوقسۇلنىڭ تاشلاندۇق يېرى مول ھوسۇل بېرەر، لېكىن ئادالەتسىزلىكتىن ئۇ ۋەيران بولار.
ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛ بىراق قۇرۇق پاراڭلار ئادەمنى موھتاجلىقتا قالدۇرار.
ھەمدە ئۆچكىلەرنىڭ سۈتلىرى سېنىڭ ھەم ئائىلىدىكىلىرىڭنىڭ ئوزۇقلۇقىنى، دېدەكلىرىڭنىڭ قورسىقىنى تەمىنلەشكىمۇ يېتەر.
بىمەنە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار ئۆزىگە نېسىپ بولغان مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ.
شۇنداقلا بىز سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ يۈرۈشنى، [باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا] [ئارىلاشماي]، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇپ، ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ ياشاشنى نىشان قىلىپ ئىنتىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز.
چۈنكى ھازىر بىمەنە سۆز قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار.