ئەمدى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولدىلا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ باققايلا. بولمىسا، غوجىمىزغا ۋە پۈتكۈل ئۆيدىكىلىرىگە بىر بالا-قازا كەلمەي قالمايدۇ. ئۇ شۇنچە كاج بىر ئادەمكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 13:16
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
خەيرخاھ، ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ.
پەملىك ئادەم بىلىمىنى يوشۇرار؛ بىراق ئەخمەق نادانلىقىنى جاكارلار.
ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛ ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر.
ئەخمەق كىشى ھەتتا يولدا مېڭىۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەقلى كەم بولغاچقا، ئۇ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان قىلىدۇ.
« ــ كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، ئۇ [ئالەم ئالدىدا] كۆتۈرۈلىدۇ، يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىلىدۇ، ناھايىتى ئالىي ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ.
سىلەرنىڭ رەبكە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن.
بۇ سەۋەبتىن نادان بولماڭلار، بەلكى رەبنىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگۈچى بولۇڭلار؛