TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 14:30

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇ ئۇنىڭغا: ــ مەن يىزرەئەللىك نابوتقا سۆز قىلىپ: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا بەرسەڭ، ياكى لايىق كۆرسەڭ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېدىم. لېكىن ئۇ: «ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دېدى، ــ دېدى.

رەزىل ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ، چىشلىرىنى غۇجۇرلىتىدۇ، ئۇ ئېرىپ كېتىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوقىتىلىدۇ.

شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ.

پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر.

كېيىن، «قەبىلە ئاتىلىرى» ئىنىسى يۈسۈپكە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا قۇللۇققا سېتىۋەتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ،   

چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى.