شۇنىڭ بىلەن بارلىق جامائەت داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ ئۇلار كېچىچە يىغا-زار قىلىشىپ چىقتى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 15:19
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مېنى ئۆچ كۆرگەنلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى يېتەكلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يولۇڭنى ئالدىمدا تۈز قىلغىن.
كىمكى پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، خۇدا ئۆزى تاللىغان يولدا ئۇنىڭغا [ھەقىقەتنى] ئۆگىتىدۇ؛
قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق، بىلىم ئالغانلار ئۈچۈن دۇرۇس-توغرىدۇر.
ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەنلەر، تۇزاقلار ياتار؛ ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى ئۇلاردىن يىراق بولار.
ھۇرۇن ئادەم: ــ «تاشقىرىدا دەھشەتلىك بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىدا بىر شىر يۈرىدۇ!» ــ دەپ [ئۆيدىن چىقماس].
شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛ ئۇ «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ــ ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛