ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 15:20
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ۋە پادىشاھ: ــ «بۈگۈن مېنىڭ تەختىمگە ئولتۇرغۇچى بىرسىنى تەيىنلىگەن، ئۆز كۆزلىرىمگە شۇنى كۆرگۈزگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇبارەكلەنسۇن!» ــ دېدى ــ دېدى.
ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: ــ بۈگۈن بۇ ئۇلۇغ خەلق ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە داۋۇتقا شۇنداق دانا بىر ئوغۇل بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىلسۇن! ــ دېدى.
ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ، مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى!
دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛ بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار.
ئەمما سىلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتىدە خۇددى ئاتىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئىشلەيدىغان بالىدەك مەن بىلەن بىرگە مېھنەت سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلىسىلەر.