يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:28
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
كۆڭلىدە ئالدامچىلىقلا ياتىدۇ، ئۇ دائىم رەزىللىكنىڭ كويىدا بولىدۇ، ھەممىلا يەردە جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ.
تېرىككەك كىشى جېدەل چىقىرار؛ ئېغىر-بېسىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار.
[ھەقىقىي] دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، [ھەقىقىي] قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر.
غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر.
تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر.
ئۇلار ھەرخىل ھەققانىيەتسىزلىك، رەزىللىك، نەپسانىيەتچىلىك، ئۆچمەنلىككە چۆمۈپ، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، جېدەلخورلۇق، مەككارلىق ۋە ھەرخىل بەتنىيەتلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ئىغۋاگەر،
ئوخشىمىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان ۋە ساغلام سۆزلەرنى (يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى)، شۇنداقلا ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان كىشى بولسا،