TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

[دېمەك]، «يامان ئادەم پالاكەت كۈنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇلار غەزەپ كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ!» ــ [دەيدۇ].

مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛ ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ.   

چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدىن كەلگەن، ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. [بارلىق] شان-شەرەپ ئەبەدگىچە ئۇنىڭغا بولغاي! ئامىن.

ئۇلار ئاچكۆزلۈكىدىن ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ساتىدىغان مېلى قىلىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا خېلى بۇرۇنلا بېكىتىلگەن جازا بىكار ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا ئۇخلاپ ياتمايدۇ.

«سەن، ئى پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-شۆھرەت ۋە قۇدرەتكە لايىقتۇرسەن. چۈنكى ئۆزۈڭ ھەممىنى ياراتتىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرادەڭ بىلەن مەۋجۇت ئىدى ۋە يارىتىلدى!»