ئادالەتنى بۇرمىلىساڭ بولمايدۇ؛ ئادەملەرگە يۈز-خاتىرە قىلساڭ بولمايدۇ؛ پارا ئالساڭ بولمايدۇ؛ پارا بولسا ئاقىلانىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ ھەم ئادىللارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 17:23
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مانا بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ مەسىھ قىلىنغىنىنىڭ ئالدىدا ماڭا ئەرزىڭلار بولسا دەۋېرىڭلار؛ كىمنىڭ ئۇيىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ئېشىكىنى تارتىۋالدىم؟ كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم؟ كىمگە زۇلۇم قىلدىم؟ ياكى مەن كۆزۈمنى كور قىلىش ئۈچۈن كىمدىن پارا ئالدىم؟ شۇنداق بولسا دەڭلار، ۋە مەن ئۇنى سىلەرگە تۆلەپ بېرىمەن، دېدى.
سوۋغات ئۆز ئىگىسىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ بېرەر؛ ئۇنى چوڭ ئەربابلار ئالدىغا يەتكۈزەر.
ئەمىرلىرىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، ئوغرىلارغا ئۈلپەت بولدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى پارىغا ئامراق بولۇپ، سوغا-سالاملارنى كۆزلەپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار يېتىم-يېسىرلەر ئۈچۈن ئادالەت ئىزدىمەيدۇ؛ تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يەتمەيدۇ.
ئۇلار قان تۆكۈش ئۈچۈن ئاراڭدا «سوۋغاتلار»نى قوبۇل قىلغان؛ سەن ئۆسۈم-جازانە ئالغان؛ سەن ئۆز قوشنىلىرىڭدىن ھارامنى مەجبۇرىي يۇلۇۋېلىپ، مېنى ئۇنتۇغانسەن ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
بۇنى ئاڭلاڭلار، ئۆتۈنىمەن، ئى ياقۇپ جەمەتىنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمگە ئۆچ بولغانلار، بارلىق ئادالەتنى بۇرمىلايدىغانلار،
رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛ ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ، سوراقچىمۇ شۇنداق؛ مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا.