زەبۇر 119:37
TSK
كۆزلىرىمنى ساختىنى كۆرۈشتىن ياندۇرغايسەن؛ مېنى يولۇڭدا جانلاندۇرغايسەن؛
TSK
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
كۆزلىرىمنى ساختىنى كۆرۈشتىن ياندۇرغايسەن؛ مېنى يولۇڭدا جانلاندۇرغايسەن؛
يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛ ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار.
دانا كىشىنىڭ كۆزلىرى بېشىدىدۇر، ئەخمەق بولسا قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ؛ بىراق ئۇلارغا ئوخشاش بىرلا ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
كىم دانا كىشىگە تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى بىلىدۇ؟ كىشىنىڭ دانالىقى چىرايىنى نۇرلۇق قىلىدۇ، يۈزىنىڭ سۈرىنى يورۇتىدۇ.
چۈنكى بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلار، يەنى ئەتتىكى ھەۋەس، كۆزلەردىكى ھەۋەس ۋە ھاياتىغا بولغان مەغرۇرلۇقنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىن بولغاندۇر، خالاس؛