TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 17:26

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى.

گەرچە مەن مەسىھ قىلىنىپ پادىشاھ تىكلەنگەن بولساممۇ، مەن ئاجىز بىر بەندىمەن. بۇ ئادەملەر، يەنى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋەھشىيىلىكىنى مەن كۆتۈرەلمىگۈدەكمەن؛ پەرۋەردىگار رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرسۇن! ــ دېدى.

ئەمدى چىقىپ خىزمەتكارلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بەرگىن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىساڭ، بۈگۈن كېچە ھېچ ئادەم سېنىڭ بىلەن قالمايدۇ. بۇ بالا ياشلىقىڭدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۈستۈڭگە چۈشكەن ھەرقانداق بالادىن ئېغىر بولىدۇ، ــ دېدى.

ياماننى ئاقلىغان، ھەققانىيغا قارا چاپلىغان، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر.

ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى؛ چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ؛