TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 18:14

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئايۇپ بولسا بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تونىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ خۇداغا ئىبادەت قىلدى: ــ

چۈنكى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوقلىرى ماڭا سانجىلىپ ئىچىمدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە، تەڭرىنىڭ ۋەھىمىلىرى ماڭا قارشى سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.  

رەزىل ھېسابلانغان بولسام، ماڭا بالا كېلەتتى! ھەم ياكى ھەققانىي ھېسابلانساممۇ، قاتتىق نومۇسقا چۆمۈپ، ئازابقا چۆمگىنىمدە، بېشىمنى يەنىلا كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم؛

مەن [گۇناھىمنى ئىقرار قىلماي]، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانىدىم، كۈن بويى ئاھۇ-پىغان ئىچىدە، سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتتى؛

سۆڭەكلىرىمنى ئەزگەندەك رەقىبلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ ئەيىبلەيدۇ؛ ئۇلار كۈن بويى مەندىن: «خۇدايىڭ قەيەردە؟» ــ دەپ سورىماقتا.

قورقۇنچ ۋە تىترەك بېشىمغا چۈشتى، دەھشەت مېنى چۆمكۈۋالدى.

ئى پەرۋەردىگار، نېمىگە جېنىمنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىگە جامالىڭنى مەندىن يوشۇردۇڭ؟

ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ.

شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛ سۇنۇق روھ-دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز.  

چۈنكى پەخرىمىز، يەنى ۋىجدانىمىزنىڭ گۇۋاھلىقى شۇكى، خۇدانىڭ ئالدىدا ساپ نىيەتلەر ۋە سەمىمىيلىك بىلەن (ئىنسانىي پاراسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن) بىز بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ۋە بولۇپمۇ سىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالىدىغان بولدۇق.

لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛

سىلەر بۇ [نىجاتتىن] زور شادلىنىسىلەر ــ گەرچە ھازىر زۆرۈر تېپىلغاندا سىلەرنىڭ ھەرخىل سىناقلار تۈپەيلىدىن قىسقا ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ.