يوناتان داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلىشتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 18:24
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
داۋۇت زىكلاگقا يېتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرى بولغان يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجا سىلەرگە بىر سوۋغات بولسۇن، دېدى.
داۋۇت: سائۇلنىڭ ئۆيىدىن تىرىك قالغان بىرەرسى بارمىكىن، بار بولسا مەن يوناتاننىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتەي؟ ــ دېدى.
ئابشالوم ھۇشايغا: بۇ سېنىڭ دوستۇڭغا كۆرسىتىدىغان ھىممىتىڭمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بارمىدىڭ؟ ــ دېدى.
مەفىبوشەت پادىشاھقا: غوجام پادىشاھ ئامان-ېسەن ئۆز ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، زىبا ھەممىسىنى ئالسىمۇ رازىمەن! ــ دېدى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشى تەكشى بولۇپ، داۋۇتنى پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن بىر جان بىر دىل بولۇپ، ھېبرونغا كېلىشكەنىدى؛ قالغان ئىسرائىللارمۇ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەكچى بولۇشقانىدى.
ئەتىر ۋە خۇشبۇي كۆڭۈلنى ئاچار، جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي مەسلىھەتى كىشىنى رىغبەتلەندۈرەر. جان كۆيەر دوستنىڭ سەمىمىي، خۇشخۇي مەسلىھەتى كىشىنى خۇش قىلۇر.
ئۇ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ سالام، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى.