TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

يۈسۈپ زېمىننىڭ ۋالىيسى بولۇپ، يۇرتنىڭ بارلىق خەلقىگە ئاشلىق سېتىپ بەرگۈچى شۇ ئىدى. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى.  

پادىشاھقا: غوجام قۇللىرىغا قەبىھلىك سانىمىغايلا؛ غوجام پادىشاھ يېرۇسالېمدىن چىققان كۈندە قۇللىرىنىڭ قىلغان قەبىھلىكىنى ئەسلىرىگە كەلتۈرمىگەيلا؛ ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن.

تۇر شەھىرىنىڭ قىزى [ئالدىڭدا] سوۋغا بىلەن ھازىر بولىدۇ؛ خالايىق ئارىسىدىكى بايلار سېنىڭ شاپائىتىڭنى كۈتىدۇ؛  

پارا ــ ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە ئېسىل بىر گۆھەردۇر؛ گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك.

پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر.

كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر.

چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.