TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس.  

مەن مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بىر چۈش كۆردۈم! بىر چۈش كۆردۈم!» دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم؛

بارلىق سۈرگۈن بولغانلارغا خەت يوللاپ مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار نەھەلاملىق شەمايا توغرۇلۇق مۇناق دەيدۇ: چۈنكى مەن ئۇنى ئەۋەتمىگەن بولساممۇ، شېمايانىڭ سىلەرگە بېشارەت بېرىپ، سىلەرنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن،

ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ.

لېكىن بۇرۇن خەلق ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر چىققان، شۇنىڭدەك ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار سوقۇنۇپ كىرىپ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەت تەلىملەرنى ئاراڭلارغا ئاستىرتىن كىرگۈزۈپ، ھەتتا ئۆزلىرىنى ھۆر قىلىشقا سېتىۋالغان ئىگىسىدىنمۇ تېنىپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا تېزلا ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.  

لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر ــ بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر».