TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 2:17

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي! ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان.

مەن يەنە يېنىڭدىن ئۆتۈۋېتىپ ساڭا قارىدىم؛ مانا، ئىشق-مۇھەببەت مەزگىلىڭ يېتىپ كەلدى؛ مەن تونۇمنىڭ پېشىنى ئۈستۈڭگە يېيىپ قويۇپ، يالىڭاچلىقىڭنى ئەتتىم؛ مەن ساڭا قەسەم ئىچىپ، سەن بىلەن بىر ئەھدە تۈزدۇم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ۋە سەن مېنىڭكى بولدۇڭ.   

بىراق سىلەر: «نېمىشقا؟» دەپ سورايسىلەر. ــ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن ۋە ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھچى بولغانىدى؛ سەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ، گەرچە ئۇ سېنىڭ ھەمراھىڭ ۋە سەن ئەھدە تۈزگەن ئايالىڭ بولسىمۇ.