TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 2:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر.

ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ [بەتتەر بولۇپ]، تولىمۇ غەپلەتلىكتۇر؛ ئۇنداق قىلغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.

قۇلاق سال، ساڭا ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىتەي؛ كۆڭۈل قويۇپ بىلىمىمنى ئۆگەنگىن.

مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىقىنى، ئەخمەقلىقنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم.

كۆڭلۈمنى دانالىقنى ۋە يەر يۈزىدە قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ يېتىش ئۈچۈن قويغاندا، شۇنداقلا خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرگىنىمدە شۇنى بايقىدىم: ــ ئىنسان ھەتتا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىگە ئۇيقۇنى كۆرسەتمىسىمۇ، قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئىشنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ؛ ئۇ ئۇنى چۈشىنىشكە قانچە ئىنتىلسە، ئۇ شۇنچە بىلىپ يېتەلمەيدۇ. ھەتتا دانا كىشى «بۇنى بىلىپ يەتتىم» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنى بىلىپ يەتمەيدۇ.