ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 2:7
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مېنىڭ ئۆزگەرمەس شەپقىتىم ۋە مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىم ۋە نىجاتكارىم، مېنىڭ قالقىنىم ۋە تايانغىنىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ ئۆز خەلقىمنى قول ئاستىمدا بويسۇندۇرغۇچىدۇر!
ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلىنىشتىدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىدۇر.
تەڭرىنىڭ ھەربىر سۆزى سىنىلىپ ئىسپاتلىنىپ كەلگەندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدىغان قالقاندۇر.
ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر.
ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛
چۈنكى ئۇنىڭدا دانالىقنىڭ ۋە بىلىمنىڭ بارلىق بايلىقلىرى يوشۇرۇنغاندۇر.
بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن-شەيتاندىن كەلگەندۇر.