بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئىتائەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ شۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ باھاسىنى سەن مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كۈمۈش شەكەلگە توختاتقىن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 20:25
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەگەر بىرسى [قەسەم قىلىپ] پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق بولۇشقا لايىق بولىدىغان بىر ھايۋاننى ئۇنىڭغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇنداق ھايۋانلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇتلەق مۇقەددەس سانالسۇن؛
ئەگەر بىراۋ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچكەن بولسا ياكى ئۆز ئۆزىنى چەكلىمەكچى بولۇپ قەسەم ئىچكەن بولسا، لەۋزىدىن قايتىشقا بولمايدۇ، ھامان ئاغزىدىن چىققان ھەممە گەپ بويىچە ئىش تۇتۇشى كېرەك.
ئاغزىڭدىن چىققانغا ئەمەل قىلغىن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قەسەم قىلىپ ئاتىغىنىڭنى، يەنى ئاغزىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئىختىيارىي ھەدىيەڭنى سۇنۇشۇڭ كېرەك.
شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى يا ئاكا-ئۇكىلىرى كېلىپ بىزگە پەرياد كۆتۈرسە، بىز ئۇلارغا: «بىزگە يۈز-خاتىرە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويۇڭلار، چۈنكى بىز جەڭدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خوتۇنلۇققا تولۇق بىردىن قىز ئالالمىدۇق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر بۇ قېتىم قىزلىرىڭلارنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن ئۇلارغا بەرمىدىڭلار؛ ئىختىيارەن بەرگەن بولساڭلار، گۇناھقا تارتىلاتتىڭلار»، دەيمىز، ــ دېدى.
ئاغزىڭنى يېنىكلىك بىلەن ئاچما؛ كۆڭلۈڭ خۇدا ئالدىدا بىرنېمىنى ئېيتىشقا ئالدىرمىسۇن؛ چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدىدۇرسەن؛ شۇڭا سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن.
ئادەم خۇدانىڭكىنى بۇلىسا بولامدۇ؟ ــ بىراق ماڭا مېنىڭكىنى بۇلاپ كەلدىڭلار. سىلەر يەنە: «بىز قانداقسىگە ساڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىمىز» ــ دەيسىلەر. سىلەر «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ھەم «كۆتۈرمە ھەدىيەلەر»نى سۇنغىنىڭلاردا شۇنداق قىلىسىلەر!