TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 20:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاسان ئاچچىقلىمايدىغان كىشى پالۋاندىن ئەۋزەلدۇر؛ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان شەھەر ئالغاندىنمۇ ئۈستۈندۇر.

ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۇنى جېدەلگە باشلار؛ ئۇنىڭ ئاغزى «مېنى دۇمبالا» دەپ تەكلىپ قىلار.

كوچىدا كېلىۋېتىپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ماجىراغا ئارىلاشقان كىشى، ئىتنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ سوزغانغا ئوخشاش خەتەرگە دۇچار بولار.

بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، يۇمشاق دىللىق بولۇپ، خۇدا مەسىھتە سىلەرنى كەچۈرۈم قىلغىنىدەك بىر-بىرىنىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.   

ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟