ئەمما شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئۇ تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغاندا، ئۇ ئىبراھىمنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇت تۇرغان شەھەرلەرنى بەربات قىلغاندا ئۇنى بالايىئاپەتنىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ قۇتقۇزدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 21:12
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ ئۆز ئۇۋىسىغا يۆلىنىدۇ، بىراق ئۇ مەزمۇت تۇرمايدۇ؛ ئۇ ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
چۈنكى سىلەر مەندىن: «ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى نەگە كەتكەن؟ رەزىللەرنىڭ تۇرغان چېدىرلىرى نەدىدۇر؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر.
كىمكى دانا بولسا، بۇلارنى بايقىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقەتلىرىنى چۈشەنسۇن!
يولى دۇرۇسنى ھەققانىيەت قوغدار؛ لېكىن گۇناھكارنى رەزىللىك يىقىتار.
يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ ھەققانىي ئادەم ھەتتا سەكراتتا ياتقاندىمۇ خاتىرجەم بولار.
مەن ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىدەك ئۆرۈۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوتتىن تارتىۋېلىنغان بىر چۇچۇلا ئوتۇندەك بولۇپ قالدىڭلار؛ بىراق يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
شۇنداقتىمۇ، خۇدا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدىن رازى بولمىغانىدى؛ چۈنكى «ئۇلار[نىڭ جەسەتلىرى] چۆل-باياۋاندا چېچىلىپ قالغان».
شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى.