TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 22:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلار ئۆز قۇل ۋە ماللىرىنى تاشقىرىدا قالدۇرۇپ قويدى.

سويۇشقا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈزدەك، ھاماقەت كىشى كىشەن بىلەن جازاغا ماڭغاندەك، قىلتاققا چۈشكەن قۇشتەك، يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. جىگىرىنى ئوق تېشىپ ئۆتمىگۇچە، ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.

دانا ئادەم ئېھتىياتچان بولۇپ ئاۋارىچىلىكتىن نېرى كېتەر؛ ئەخمەق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالدىغا ماڭار.

قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.

دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي)،   

شۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدا قويۇلغان ئۈمىدنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن [ھالاكەتتىن] ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۇنى باشپاناھ قىلغان بىزلەر كۈچلۈك رىغبەت-ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز (بۇ ئىككى ئىشتا خۇدانىڭ يالغان ئېيتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە).