زەبۇر 9:18
TSK
چۈنكى نامراتلار مەڭگۈگە ئەستىن چىقىرىلمايدۇ؛ مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدى مەڭگۈ ئۆچمەي، تۇرىۋېرىدۇ.
TSK
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
چۈنكى نامراتلار مەڭگۈگە ئەستىن چىقىرىلمايدۇ؛ مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدى مەڭگۈ ئۆچمەي، تۇرىۋېرىدۇ.
دانالىق بىلەن تونۇشساڭ، ئۇمۇ كۆڭلۈڭگە شۇنىڭدەك بولار؛ ئۇنى تاپقىنىڭدا جەزمەن ياخشى كۆرىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس.
چۈنكى ئۆزۈمنىڭ سىلەر توغرۇلۇق پىلانلىرىمنى، ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەس، تىنچ-ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئاخىردا سىلەرگە ئۈمىدۋار كېلەچەكنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىمنى ئوبدان بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا سىلەر زادى قانداق مېۋە كۆردۈڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋېتى ئۆلۈمدۈر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ.