TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 24:10

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بىراق ھازىر نۆۋەت ساڭا كەلدى، شۇنىڭلىق بىلەن ھالىڭدىن كەتتىڭ، بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن، سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ.

سىلەر زېمىندا ئاڭلىنىۋاتقان پىتنە-ئىغۋادىن يۈرىكىڭلارنى سۇ قىلماڭلار ۋە قورقماڭلار؛ بۇ يىل بىر پىتنە-ئىغۋا، كېلەر يىلى يەنە بىر پىتنە-ئىغۋا چىقىدۇ؛ زېمىندا زۇلۇم-زوراۋانلىق پارتلايدۇ، ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمدارلارغا قارشى چىقىدۇ.

شۇڭا [خۇدا] بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، بۇ خىزمەت بىزگە ئامانەت قىلىنغانىكەن، بىز بەل قويۋەتمەيمىز؛

كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار.

ــ مەن سەن ئولتۇرغان يەرنى، يەنى شەيتاننىڭ تەختى بولغان جاينى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمنى چىڭ تۇتۇپ، ھەتتا سادىق گۇۋاھچىم ئانتىپاس ماكانىڭدا، يەنى شەيتان تۇرغان جايدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ، ماڭا قىلغان ئېتىقادىڭدىن تېنىپ كەتمىدىڭ.