زەبۇر 21:11
TSK
چۈنكى ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار رەزىل بىر نەيرەڭنى ئويلاپ چىققىنى بىلەن، ئەمما غەلىبە قىلالمىدى.
TSK
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
چۈنكى ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار رەزىل بىر نەيرەڭنى ئويلاپ چىققىنى بىلەن، ئەمما غەلىبە قىلالمىدى.
سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار،
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى زوراۋانلىقنىلا ئويلار؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى ئازار يەتكۈزۈشنى سۆزلەر.
بىراق [ئاسۇرىيەلىكنىڭ] كۆزدە تۇتقىنى مۇشۇ ئەمەس، ئۇ شۇنداق ھېچ ئويلىغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئويلىغىنى ۋەيران قىلىش، كۆپ دۆلەتلەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، كۆڭلۈڭگە باشقىچە خىياللار كىرىپ، سەن رەزىل ھىيلە-نەيرەڭنى ئويلاپ چىقىسەن؛
تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، كىبىرلىك، ماختانچاق، چوڭچى، ھەرخىل رەزىللىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان،